Uyghur主要词典
ئاقچا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە قىلىپ تارقاتقان، سادا - سېتىق مۇئامىلىسىدە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدىغان قەغەز ياكى مېتال .
«پۇل» ، «ئاقچا» ئەڭ ئاكتپ سۆزلەر.
«تىزا» ئەسلى مىنگونىڭ باشلىرىدا چىقىرىلغان پۇلنىڭ نامى (贴子 ) ، بىزدە ئومۇمەن «پۇل» مەنىسىدە كېلىدۇ.
ئۆلۈمگە تۇتىدىغانمۇ پۇل، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدىغانمۇ پۇل. پۇل تاپقۇچە، ئەقىل تاپ. پۇل بار چاغدا مېڭى دوست، پۇل يوق چاغدا قېنى دوست؟! ئاقچىغا ئارام يوق. تىزاڭ كۆپەيسە، ئۇيقۇڭ قاچىدۇ. ئالتە تڭگەم بار ئات ئالىمەن، يەتتە تەڭگەم بار نار ئالىمەن. تەڭگىنىڭ كۈچى تىيىنىدا. بىر تىيىننىڭ تايىنى يوق. ياماق ياماپ، يارماق تاپ. كىچىككىنە پىنناس، ئالەمنى كېزىپ تىنماس. ئۇ نېمە؟ (مېتال پۇل)
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
ئاقچا - ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان بىر خىل كۈمۈش پۇلنىڭ نامى. مەھمۇت قەشقەرى <كۈمۈش> سۆزىنىڭ <ئاقچا> مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى <چۈنكى، ئۇنىڭدا كۈمۈش بار> دەپ ئىزاھلايدۇ. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <ئاقچا - ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرى >13 - ئەسىر< دە قوللىنىلغان كۈمۈش پۇلنىڭ بىرلىكى> (<ئوكيانۇس> <تۈركچە>، Ⅰ توم، 4 - بەت) دەپ ئىزاھلانغان. <تۈركچە ئۇيغۇرچە لۇغەت> تە: <ئاقچا - كۈمۈش پۇل، كۈمۈش تەڭگە، ئاقۇچ> دەپ ئىزاھلانغان. يۇقىرىقىلاردىن ئاقچىنىڭ تارىختىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئىشلىتىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بىر ئاقچىغا ئەينى يىللاردىكى شىنجاڭدا بەش سەرلىك پۇل تېگىشىلەتتى. سودىگەرلەر بولۇپمۇ ھەجگە بارىدىغانلار ۋە كارۋانلار روسىيە ئاقچىسىنىڭ بىرىنى بىر نەچچە سەر شىنجاڭ پۇلىغا سېتىۋالاتتى. چار پادىشاھ تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن بۇ پۇل ئوبوروت قىلىنىشتىن توختىغان. مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن خەلقنى گېزىت - ژۇرنال ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقتىن دۇنيا ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز قالغان بەزى سودىگەرلەر چار پادىشاھنىڭ غۇلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي، ئۇنىڭ ئاقچىلىرىنى ساقلاۋېرىپ كېيىن بۇ پۇل بازاردا ئۆتمەيدىغان بولۇپ قالغاندا كۆپ زىيان تارتقان ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«پۇل» غا قاراڭ.
لاشمانلىققا ماڭغاندا، يەركەنلەرگە قار ياغقان، قېيۇم بەگ ھاجى بولۇپ، بىزنى ئاقچىغا ساتقان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۈمۈش پۇل؛ كۈمۈشتەك ئاق ھەم قىممەتلىك. قەدىمدىن ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ئىسىم.