Uyghur←Chinese主要词典
ئاقارتىش دەۋرى تارىخشۇناسلىقى
دۇنيا تارىخى
启蒙时期史学
qǐ méng shí qī shǐ xué
ئومۇمەن ⅩⅧ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى ھارپىسىغىچە بولغان دەۋردىكى غەرب تارىخشۇناسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى: تارىخىي تەتقىقات ساھەلىرى كېڭەيگەن، ئىقتىسادىي ئامىللار بىلەن مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تارىخى تەرەققىيات داۋامىدىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن؛ راتسىئونالىزم (ئىدراكچىلىق) نى جاكارلاپ، ئۆتمۈشتىكى تەييار ئىبارىلەرنى ئىنكار قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولغان؛ تارىخ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىش جەريانى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلاپ، ئىنسانلار پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە بولىدۇ، دەپ ھېسابلىغان؛ بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىرى تارىخنى بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي كۈرەش قىلىش ۋاسىتىسى دەپ قارىغان. ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى فرانسىيە بولغان، تارىخشۇناسلىقتىمۇ شۇنداق. مونتېسكيۇ بىلەن ۋولتېر غەرب بۇردۇئا تارىخشۇناسلىقىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئەنگلىيە تارىخشۇناسى گىببون يازغان <رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇش تارىخى> ئاقارتىش دەۋرى تارىخشۇناسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بەلگىسى. سىليۇسېر (1735 - 1809) ئاقارتىش دەۋرىدىكى گېرمانىيىلىك مۇھىم تارىخشۇناس. بۇ باسقۇچتىكى تارىخشۇناسلىقىنڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيىتى يېقىنقى زامان غەرب پەلسەپىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇنجى قېتىم جەمئىيەت تەرەققىيات قانۇنىنى تېپىشقا ئىنتىلگەن پەيلاسوپ ئىتالىيىلىك ۋىكو، گېرمانىيىلىك ھېلىت، فرانسىيىلىك كوندورىسې قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بەزى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك جەمئىيەت تارىخى تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىنى ئىزدەپ تېپىشقا ئىنتىلگەن. ئاقارتىش دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىق گۇمانىزملىق تارىخشۇناسلىقنىڭ ئۇتۇقلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغان، بۇ، بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىر تىكلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.