—参考资料
ياپونىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى مۇكاپاتى
领域: دۇنيادىكى مۇكاپاتلارياپونىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى1911 - يىلى تەسىس قىـلـغـان ئىـلـمـىـي مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى بولۇپ، جەمئىي توققۇز تۈرى بار، بۇنىڭ بەش تـۈرى سـاپ پەن ۋە ئۇلارنى ئەمەلىي قوللىنىش جەھەتتىكـى ئالاھـىـدە تـۆھپـىـلـەرگـە بېرىلىدۇ، تۆت تۈرى گۇمانىتار پەنلەر ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكـى نـادىـر مۇۋەپپەقىيەتلەرگـە بـېـرىـلـىـدۇ. بـۇ خـىـل ئايـرىـش يـاپـونـىـيـە پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىككى چوڭ شۆبىسىگە ماس كېلىدۇ. ئىككى چوڭ شۆبـىـنـىـڭ ھەربىر تۈرلۈك مۇكاپاتىنىڭ ھەربىر تۈرىدىن ئەڭ گەۋدىلـىـكـى تـالـلـىـنـىـپ، ئىمپېرىيە مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسـى مـۇكـاپـاتـى بىر لەۋھە، بىر مېدال ۋە500 مىڭ يىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىمپېرىيە مۇكاپاتىدا مۇكاپات پۇلى ۋە لەۋھەدىن باشقـا يـەنـە جۈخۇار گۈلى چۈشۈرۈلـگـەن كـۈمـۈش لـوڭـقـا بـار. يـاپـونـىـيـە پـەنـلەر ئاكادېمىيىسى ھەر يىلى بىر قېتىم مۇكاپات تارقىتـىـدۇ. يـاپونـىـيـە پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئاكادېمىكلاردىن باشقا، ياپـونـىـيـىـدىـكـى بـارلـىـق ھايات ئالىملارنىڭ نامزات بولۇش سالاھىيىتى بار.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。