Uyghur←Chinese主要词典
ئاپرېل ئىش تاشلىشى
دۇنيا تارىخى
四月罢工
sì yuè bà gōng
1917-يىلىدىكى گېرمانىيىدىكى چوڭ سىياسىي ئىش تاشلاش. 1917-يىل 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بېرلىن ھەربىي سانائىتىدىكى مېتالچىلىق ئىشچىلىرى تەمىنلىنىدىغان بولكا نورمىسىنىڭ ئازايتىلغانلىقىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ئىش تاشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لېيپسېگ، ھاللې، برائۇنشۋېيگ، ماگدېبۇرگ قاتارلىق سانائەت شەھەرلىرىدىكى مېتالچىلىق ئىشچىلىرىمۇ ئىش تاشلىغان. ئىش تاشلىغۇچىلار ئىقتىسادىي تەلەپلەرنى قويغاندىن باشقا، يەنە ھەربىي ھالەت بۇيرۇقى ۋە گېزىت - ژۇرناللارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئېلىپ تاشلاپ، مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى بىكار قىلىش، سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى يولغا قويۇش، باشقا ئەللەرنىڭ زېمىنىنى قوشۇۋالماسلىق ۋە تۆلەم تۆلىمەسلىك توغرىسىدا دەرھال سۈلھ شەرتنامە تۈزۈش قاتارلىق سىياسىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىش تاشلاش مەزگىلىدە، ئايرىم كارخانىلاردا ئىشچى ۋەكىللىرى سوۋېتى قۇرۇلغان. لېكىن كۈچلۈك ئىنقىلابىي سىياسىي پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغانلىقتىن، ئىش تاشلاش ئاخىر گېرمانىيە ھەربىي دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان