Uyghur←Chinese主要词典
ئاپپىئان
دۇنيا تارىخى
阿庇安
ā bì ān
(تەخمىنەن مىلادى 95 - 165) قەدىمكى رىم تارىخشۇناسى. گرېك. ئالېكساندرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان. رىمدا پۇقرالىق ھوقۇقىغا، رىتسارلىق مەرتىۋىگە ئىگە بولغان. دىلولارنى سوراق قىلىشنى باشقۇرىدىغان تەپتىش ئەمەلدارى، مەمۇرىي ئۆلكە باش ۋالىيىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. گرېك تىلىدا 24 توملۇق <رىم تارىخى> نى يازغان، پۈتۈن كىتابتا پادىشاھلىق دەۋرىدىن ترايان دەۋرى (مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرى) گىچە بولغان رىم تارىخىنى يازغان. پۈتۈن كىتابتا رايون، مەمۇرىي ئۆلكە، مىللەت، ۋەقەلەر بويىچە توملارغا ئايرىپ بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئۇرۇش تارىخى قىسمى ئىنتايىن مۇھىم؛ ھازىرغىچە ئالتىنچى، يەتتىنچى ۋە 11-تومىدىن 17-تومىغىچە بولغان قىسىملىرى ۋە باشقا پارچە قىسىملىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قەدىمكى رىم تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، يەر مەسىلىسى رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كۈرەشنىڭ تۈرتكىسى، دەپ كۆرسەتكەن.