Uyghur←Chinese主要词典
ئاپېلىسىن
بىئولوگىيە
桔
jié
سۇزاپ ئائىلىسىگە كىرىدۇ، دائىم يېشىل تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ ياكى چاتقال. شېخى يۇمشاق بولۇپ ئادەتتە تىكىنى بولىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تېرىلىشىدۇ. تۆمۈنە شەكىللىكتىن تۇخۇمسىمان تۆمۈنە شەكىللىكىچە بولىدۇ، گىرۋىكى تولۇق ياكى ئۇششاق ھەرە چىشى بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپىنى ئىنچىكە ئۇزۇن ياكى بەزىدە قىسقا ھەم نېپىز بولۇپ، قانىتى روشەن بولمايدۇ. گۈلى كىچىك، ئاق بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ياكى توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ ئاتىلىقى 8 - 24 تال، ئاتىلىق يىپىنىڭ 3 - 5 تېلى بىرلەشكەن بولىدۇ. ئاپېلىسىننىڭ مېۋىسى يۇمىلاق، رەڭگى سېرىق ياكى سۇس قىزغۇچ سېرىق، مېۋە پوستى پوش بولۇپ گۆشىدىن بەك ئاسان ئاجرايدۇ. ئاپېلىسىن سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، تېرىش، ئۇلاش، نوتا كۆمۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەردە ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق مېۋىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ مېۋە پوستى يەلنى راۋانلاشتۇرىدۇ،بەلغەمنى بوشىتىدۇ ۋە ئاشقازان دورىسى قىلىنىدۇ؛ مېغىزى ۋە يوپۇرمىقى قاننى جانلاندۇرۇپ سىلنى داۋالايدۇ. ئىششىقنى ياندۇرىدۇ؛ ئۇرۇق مېيىدىن سوپۇن، سىلىقلاشتۇرغۇچى ماي ياسىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
枳实
zhǐ shíDباغۋەنچىلىك
桔子
jié zǐDباغۋەنچىلىك
金豆
jīn dòuDباغۋەنچىلىك
金桔
jīn jiéDباغۋەنچىلىك
金枣
jīn zǎoDباغۋەنچىلىك
金柑
jīn gānDباغۋەنچىلىك
宽皮桔
kuān pí jié