Uyghur←Chinese主要词典
ئانزىنگا
دۇنيا تارىخى
恩辛加
ēn xīn jiā
(تەخمىنەن 1582 - 1663) ئاندوگ پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى (1624 - 1626)، ماتامبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى ئانگولادىكى پورتۇگالىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ يولباشچىسى. پادىشاھ جەمەتىدىن كېلىپ چىققان، تەخمىنەن 1622-يىلى ئاندوگ پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە لۇئانداغا بېرىپ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ندونگ پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن داڭق چىقارغان. 1924-يىلى پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن پورتۇگالىيىگە قارشى كۈرەشنىڭ يولباشچىسى. پادىشاھ جەمەتىدىن كېلىپ چىققان، تەخمىنەن 1622-يىلى ئاندوگ پادىشاھىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە لۇئانداغا بېرىپ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى ندونگ پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان، شۇنىڭ بىەن داڭق چىقارغان. 1624-يىلى پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن پورتۇگالىيىلىكلەر ئادوگ پادىشاھلىقىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، يېڭى پادىشاھ قويغان. ئايال پادىشاھ ئىچكى جايلارغا بېرىپ، كۈرەش قىلىپ، پورتۇگالىيىگە قارشى بارلىق كۈچلەرنى يىغىپ، قۇدرەتىك زاپاس قوراللىق قوشۇن ئۇيۇشتۇرغان. 1630-يىلى ماتامبا پادىىشاھلىقىنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھلىقنى قولغا ئالغان. شۇنداقلا يېقىن ئەتراپتىكى قەبىلىلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، پورتۇگالىيە قوشۇنلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان ۋە ئىچكى جايلاردىكى قۇل سودىسىنى تىزگىنلىگەن. 40-يىللاردا گوللاندىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ پورتۇگالىيىلىكەرنى ئىچكى جايلاردىن قوغلاپ چىقارغان. 1648-يىلى پورتۇگالىيە قوشۇنى يەنە بىر قېتىم لۇئاندانى بېسىۋېلىپ، تاجاۋۇزچىلىقنى كېڭەيتكەندە، ئۇ ئۇلارغا قارشى كۈرەشكە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلغان. 1654-يىلى پورتۇگالىيىنىڭ قىستىشى ئارقىسىدا، كېلىشىم ئىمزالاپ، پورتۇگالىيە بىلەن بىۋاستە سودا قىلىشقا، پورتۇگالىيە مىسسىئونېرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغان.