Chinese→Uyghur主要词典
焰细胞
بىئولوگىيە
يالقۇنسىمان ھۈجەيرە
<كىرپىك تۈكلەر يالقۇنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلار، چاقلىق ھايۋانلارنىڭ چىقىرىۋېتىش ئورگىنىنىڭ بىر قىسمى. دەسلەپكى بۆرەك نەيچىسىنىڭ ئىچكى ئۇچى ياكى ئۇنىڭ ھەر بىر تارماق نەيچىسىنىڭ ئىچكى ئۇچىدىكى ئوتتۇرىسى كاۋاك ھەم بىر تال ياكى بىر باغلام كىرپىك تۈكى بولغان بىر خىل ھۈجەيرە. كىرپىك تۈكى نەيچە ئىچىگە ئۇزىراپ كىرىدۇ، ھايات ۋاقتىدا توختىماي يالقۇنغا ئوخشاش سىلكىنىپ تۇرغاچقا شۇنداق نام بېرىلگەن. ئادەتتە بىر ھۈجەيرىدىن بىر پۈتەي (تۇيۇق) ئۈچ شەكىللەندۈرىدۇ. بەزىدە بىر يالقۇنسىمان ھۈجەيرىدىن كۆپ ساندىكى پۈتەي ئۇچلارنىمۇ شەكىللەندۈرەلەيدۇ. چاقلىق ھايۋانلارنىڭ <يالقۇنسىمان ھۈجەيرىلىرى> ئادەتتىكى ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ بىرىكمە ھۈجەيرىلەر تەنچىسى شەكىللەندۈرگەن پۈتەي (سوقۇر) ئۇچىنىڭ ئىچكى بوشلۇقىدا كىرپىك تۈكلىرى بولغان قېلىن - پۇختا چوققا قىسمى بولىدۇ. يالقۇنسىمان ھۈجەيرىلەر بەدەن ئىچىگە تارقالغان كىچىك بىر خىل چىقىرىۋېتىش بىرلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئەتراپىدىن ئارتۇقچە سۇ ۋە سۇيۇق ھالەتتىكى كېرەكسىز ماددىلارنى يىغىپ، كىرپىك تۈكلىرىنىڭ تەۋرىنىشى بىلەن بۇ سۇيۇقلۇقلارنى كاپىلليار نەيچىسىدىن چىقىرىۋېتىش نەيچىسىگە ھەيدەپ كىرىپ ئاخىرىدا چىقىرىۋېتىش تۆشۈكىدىن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
yàn xì bāo
يالقۇنسىمان ھۈجەيرە
Dتېببىي
yàn xì bāo
يالقۇن ھۈجەيرە