Uyghur主要词典
ئانۇرادخاپۇرا
دۇنيا تارىخى
سرىلانكىنىڭ قەدىمكى زاماندىكى پايتەخت خارابىسى ۋە بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. ئورنى كولومبونىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 130 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا. مىلادىدىن ئىلگىركى Ⅲ ئەسىردىن مىلادى Ⅹ ئەسىرگىچە پايتەخت قىلىنغان، مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىدە بىر مەھەل گۈللەنگەن. تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كۆپلىگەن ئىبادەتخانا ۋە بۇددا مۇنالىرىنى ياساتقان. ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقانلىرىدىن بۇددا گايادىن كۆچۈرۈپ كېلىپ تىكىلگەن بۇدخىۋركىسا دەرىخى، سۇ تامچىپ تۇرىدىغان نو ئويۇلغان تاش ئۆڭكۈر ۋە بۇددا مۇنارلىرى بار. مەشھۇر مۇنارالاردىن ئابخايا گىرىۋىخارا مۇنارى، داجىنا مۇنارى، جىتاۋاناۋىخارا مۇنارى ۋە جىتاۋناخوپا مۇنارلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە جىتاۋاناۋىخارا مۇنارى ۋە جىتاۋناخوپا مۇنارلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە جىتاۋنا خوپا مۇنارى ئۇلىنىڭ دىئامېتىرى يۈزنەچچە مېتىر كېلىدۇ. مۇنارغا ئورنىتىلغان چوڭ تاش تۈۋرۈكلەرگە ئىنتايىن چىرايلىق ھەرخىل نەقىش ۋە قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان.