Uyghur←Chinese主要词典
ئانتىسېۋورتكا
بىئولوگىيە
抗血清
kàngxuèqīng
ھايۋانلار ئانتىگېن ئارقىلىق غىدىقلانغاندىن كېيىن ھاسىل قىلىدىغان، تەركىبىدە ماس ھالدا ئانتىتېلا بولغان قان زەردابى. بۇ <ئىممۇنىتېتلىق قان زەردابى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دائىم كېسەللىك، بولۇپمۇ يۇقۇملۇق كېسەللىككە دىئاگنوز قويۇش، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، كېزىك باكتېرىيىسىنىڭ ئانتىسىېۋوروتكا كېزىك كېسەللىكلىكىگە دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ فېتوپروتېئىن ئانتىسېۋوروتكىسى جىگەر راكىغا دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ بوغما ئانتىسېۋوروتكىسى (بوغما ئانتىتوكسىن زەردابى) بوغىمىنى تېز داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان لىمفا ھۈجەيرىسىدىن ياسالغان ئانتىسېۋوروتكا ۋە كۆكرەك بېزى ئانتىسېۋوتكىسىدىن پايدىلىنىپ ئورگانلارنى كۆچۈرگەن ۋاقتىدا كۆرۈلىدىغان ئىممۇنىتېتلىق يەكلەش رېئاكسىيىسى كونترول قىلىنىۋاتىدۇ.