Uyghur←Chinese主要词典
ئانتونى
دۇنيا تارىخى
安东尼
ān dōng ní
(مىلادىدىن ئىلگىرى 82 -30) قەدىمكى رىم باش قوماندانى، سىياسىئونى. كائېسارنىڭ سەركەردىسى بولۇپ، كائېسارغا ئەگىشىپ گالىيە يۈرۈشىگە قاتناشقان. مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى تىرىبونى بولغان. مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى فاسارو جېڭىدە كائېسارغا ياردەملىشىپ پومېئوسنى مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى، كائېسا بىلەن بىرگە كونسۇل بولغان. مىلادىدىن 43 يىل ئىلگىرى، ئوكتاۋىيان (ئاۋگۇست)، لېپدلار بىلەن بىرلىشىپ كېيىنكى ئۈچلەر ئىتتىپاقىنى تۈزۈشكەن. كائېسارنى ئۆلتۈرگەن بىرۇت قاتارلىقلارنى مەغلۇپ (پېلىپ جېڭىدە) قىلغاندىن كېيىن، شەرقىي مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى باشقۇرۇش (مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى) ئوكتا ۋىيان (رىمدا) بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. دەسلەپكى خوتۇنى ئوكتاۋىيە (ئوكتاۋىياننىڭ ئاچىسى) نى تاشلاپ، مىسرنىڭ ئايال پادىشاھى كېلىئوپاترا Ⅶ بىلەن تۇرمۇش قۇرغان (مىلادىدىن 38 يىل ئىلگىرى). ئۇ يەنە رىمنىڭ شەرقىدىكى بىر قىسىم زېمىنىنى ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا ھەدىيە قىىلپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ئوكتاۋىيان بىلەن سىنتانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.، مىلادىدىن 32 يىل ئىلگىرى، رىم سىنتاتى ئۇنى <ۋەتەن دۈشمىنى> دەپ جاكارلىغان. مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى 9-ئايدا، كېلىئوپاترا بىلەن بىرلىكتە دېڭىز فىلوتىنى باشلاپ ئاكسىئوم دېڭىز تۇمشۇقىدا (گرېتسىيىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى) ئوكتاۋىيان بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولۇپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەن. ئاخىرى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئالېكساندرىيە (ئىسكەندەرىيە) دە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
安东尼
ān dōng ní
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
安东尼
ān dōng ní