Uyghur←Chinese主要词典
ئانتىگونى
دۇنيا تارىخى
安提戈涅
ān tí gē niè
قەدىمكى يۇنان تراگېدىيە ئەسىرى. سوفولكېس (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅳ ئەسىر) يازغان. ئۇنىڭ سۇژىتى يۇنان ئەپسانلىرىدىن ئېلىنغان. ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى مۇنداق: تېبەي پادىشاھى ئودىپۇس ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككى ئوغلى - ئېتېئوكلېس بىلەن پولىنكې پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىپ ئاكا - ئىنى ئىككىسى سوقۇشۇپ ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ تاغىسى كىرىئون پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدۇ، ئېتېئوكلېسقا ئاتاپ دەبدەبىلىك دەپنە قىلىشىغا يول قويماي ئۇنىڭ جەسىتىنى دالىغا ئېلىپ چىقىپ تاشلىۋېتىدۇ، ئېيىتلىشىچە ئۇ، يات قوشنىلىرىدىن ياردەم تىلەپ، ئانا ۋەتىنىگە ھۇجۇم قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانمىش. مەرھۇمنىڭ سىڭلىسى ئانتىگونې (ئودىپوسنىڭ قىزى) يېڭى پادىشاھنى چەكلەش پەرمانىغا پەرۋا قىلماي، پولىنكېسنى دەپنە قىلىدۇ. كرىئون بۇ ئىشتىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى گۆرگە قامىتىپ، ئاچ قۇيۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. كرىئوننىڭ ئوغلى ھايمون (ئانتىگونېنىڭ يىگىتى ) دادىسىغا: ئۇنچە بىشەملىك قىلىپ ئانتېگونېنى ئۆلتۈرمەسلىك، ئۆزىنىلا ئەقىللىق دەپ سانىماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ،<بىر كىشىگىلا تەۋە شەھەر دۆلەت، شەھەر دۆلەت بولمايدۇ> دەيدۇ. بىراق بۇنىڭدىن ھېچبىر نەتىجە چىقمايدۇ. ھايمون گۆر ئاغزىغا يېتىپ كېلىپ، ئانتېگونېنى قۇتقۇزماقچى بولىدۇ، بۇ چاغدا ئانتېگونى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان بولۇپ ھايمونمۇ ئۆزىگە خەنجەر ئۇرۇپ ئۆلۈۋالىدۇ، ھايموننىڭ ئانىسىمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.