Uyghur←Chinese主要词典
ئانىلىق ئاغزى
بىئولوگىيە
柱头
zhùtóu
ئانىلىقنىڭ چوققا قىسمى. ئۇ كېڭىيىپ ئەمچەكسىمان ئۆسۈندە ۋە يېپىشقاق سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، گۈل چېڭىنى قوبۇل قىلىش ۋە يېپىشتۇرۇۋېلىشقا قولايلىق يارىتىدۇ، شارسىمان، دۈگىلەك تەخسىسىمان، يۇلتۇزسىمان قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ. شامال ۋاستىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈللەرنىڭ ئانىلىق ئاغزىنىڭ كېڭىيىشى ئەڭ روشەن بولىدۇ. باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق ئاغزى شاخلانغان ۋە تۈكچىلەر ئۆسكەن بولۇپ، پەيگە ئوخشايدۇ. ئانىلىق ئاغزى ھەر خىل ماددىلار، (سۇ، قەنت، ماي، بور كىسلاتاسى) نى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، گۈل چېڭىنىڭ بىخلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ سىرتىدا بىر قەۋەت ئاقسىللىق پەردە بولۇپ، ئۇ گۈل چېڭى پوستىدىكى ئاقسىل بىلەن تەسىر كۆرسىتىشىپ، خالايدىغان گۈل چېڭى بىلەن خالىمايدىغان گۈل چېڭىنى پەرقلەندۈرىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئانىلىق ئاغزى خالىمايدىغان گۈل چېڭى نەيچىسىنى ئانىلىق ئاغزىغا كىرگۈزمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۇرۇقلانمايدۇ. ئاقسىللىق پەردىنىڭ ئاستىدا مۈڭگۈزلەشكەن قەۋەت بولۇپ، ئۇ ئانىلىق ئاغزىنى قۇرۇپ قېلىشتىن ساقلايدۇ، مىكرو ئورگانىزملار ياكى ئانىلىق ئاغزى خالىمايدىغان گۈل چېڭى نەيچىسىنىڭ كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.