Uyghur主要词典
ئانىكا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئانىنى ۋە ئانا قاتارلىق ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئەركىلەپ ئاتاش.
ئانىجان، كۆكسۈڭدىن ئوزۇق ئېلىپ، قولۇڭدا ئۆستۈم، ھەققىڭ تولا، ئادا قىلالمىدىم. نەگە ماڭلاش ئانىكا، _ دېدى يىگىت ئانىنى يۆلەپ.
شىۋىلەر
كۇچار شىۋىسى
موما (ئانىسىنىڭ ياكى ئاتىسىنىڭ ئانىسى).
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
«ئانا» سۆزىنىڭ ئەكىلەتمە شەكلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئانىسى ياكى ئانىسى قاتارلىق ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىپ ئۇلارنى ھۈرمەتلەپ ئېيتىدىغان مۇراجىئەت شەكلى.
- ئاھ، - دەپتۇ پەرىزات، - يامان قىلدىلا ئانىكا، مېنىڭ مايمۇن سۈرەتلىك نىقابىمنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى ئاتا - ئانامنىڭ دىمىقىغا يېتىپ بارغان ھامان، ئۇلار مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ.