Chinese→Uyghur主要词典
眼镜蛇
بىئولوگىيە
كۆزەينەكلىك يىلان
<ياپىلاق بويۇن يىلان> ۋە <ناجاناجا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپىنىڭ تەڭگىچىلىكلەر ئەترىتى، كۆزەينەكلىك يىلانلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 1 - 2 مېتىر. ئۇ ئاچچىقلىنىپ ئالدىنقى يېرىم تېنىنى تىك تۇرغۇزغاندا، كۆپۈپ كېڭەيگەن بويۇن قىسمىنىڭ دۈمبە تەرىپىدىكى ئاق چەمبىرەككە ئورالغا قارا دېغىنىڭ شەكلى كۆزەينەككە ئوخشاش بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئالدى ئېزىق چىشى بار؛ باش قىسمى ئېللىپس شەكلىدە، بەدىنىنىڭ دۈمبە تەرىپى قارا قوڭۇررەڭ، بەزى ئىندىۋىدلىرىنىڭ توغرىسىغا كەتكەن بىر نەچچە تال تار ئاق سىزىقى بولىدۇ، ئادەتتە بالا يىلانلارنىڭ سىزىقلىرى ئېنىقراق، قورساق تەرىپىنىڭ رەڭگى سۇسراق، دېڭىز ياقىلىرىدىكى ئويمانىقلار، تۈزلەڭلىكلەر، ئېدىرلىقلار ياكى پەس تاغلاردا ياشايدۇ. ئوزۇقلىنىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، يىلانبېلىق، پاقا، چاشقان قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئاساسلىق كېچىدە ھەرىكەتلىنىدۇ. تۇخۇم تۇغىدۇ، 6 ~ 8 - ئايلاردا 10 - 20 گىچە تۇخۇم سالىدۇ. 50 كۈنى ئەتراپىدا بالا يىلانلار تۇخۇمدىن چىقىدۇ. يىلان زەھىرى ئارىلاش زەھەر (نېرۋا زەھىرى، قوشۇمچە قان زەھىرى بار). مەملىكىتىمىزنىڭ يىلان دورىلىرىنىڭ كۆزەينەكلىك يىلان چېقىۋېلىشىنى داۋالاشتا خېلى ياخشى ئۈنۈمى بار. توقۇلمىلارنىڭ قىسمەن چىرىپ ئۆلۈشى كۆپ ھاللاردا يىللاپ داۋالىسىمۇ ساقايمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى دەسلىپىدىلا دىققەت قىلىش كېرەك. مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ، چەت ئەللەردە جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان. كۆزەينەكلىك يىلان <ئۈچ يىلان> نىڭ بىرى بولۇپ، ئىستېمال قىممىتى ۋە دورىلىق قىممىتى كۈل رەڭ چاشقان يىلىنى ھەم سېرىق بالداقلىق يىلانغا ئوخشاش. كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھىرى كلىنىكىدا ھەر خىل نېرۋا ئاغرىقلىرىغا قارىتا خېلى ياخشى ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە، يەنە كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ھەم ئانتىكوئاگۇلىن ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ.
تېببىي
yǎn jìng shé
كۆزەينەكلىك يىلانDئۇنىۋېرسال
yǎn jìng shé
كۆزەينەكلىك يىلان