Uyghur←Chinese主要词典
ئانيالان ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
安亚拉同盟
ān yà lā tóng méng
1788 - 7891-يىللىرى شۋېسىيە، فىنلاندىيە ئوفىتسېرلىرىدىن تەركىب تاپقان تەشكىلات. 1788-يىلى 7-ئايدا شۋېتسىيە كورۇلى گۇستاۋ Ⅲ پارلامېنت بىلەن مەسلىھەتلەشمەستىنلا روسىيىگە ئۇرۇش قوزغىغان. ئالدىنقى سەپتىكى ئوڭۇشسزلىق تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە جۈنتۇەن قوماندانى ئارمفېلد قاتارلىق يەتتە نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك لېكالادا روسىيە ئايال پادىشاھى يىكاتېرىنا Ⅱ گە خەت يېزىپ، ئۇرۇشنى توختىتپ، تىنچىلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلغان. كېيىن شۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيىنىڭ يۈز نەپەردىن كۆپرەك ئوفىتسېرى ئانيالان (فرىدرىسخىھامنىڭ غەربىي شىمالىدا) دا ئىتتىپاقلىق خىتابنامىسى ئىمزالاپ، يەتتە نەپەر ئوفېتسېرنىڭ خېتىنى قوللاپ، ئۇرۇشنى ئەيىبلەپ، روسىيە بىلەن يارىشىشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە شۋېتسىيە پارالامېنتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان. ئىتتىپاق ئىچىدە بەزىلەر فىنلاندىيىنىڭ شۋېتسىيدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. بىراق گوستاۋ Ⅲ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۋېتسىيىگە قايتىپ كېلىپ، دانىيە قوشۇنلىرىنىڭ تاجاۋۇزىنى چېكىندۈرۈپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىۋالغان. ئىتتىپاق تېزلىكتە پارچىلىنىپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى باستۇرۇلغان. روسىيگە قارىتا بولغان ئۇرۇش تاكى 1790-يىلىغىچە داۋام قىلغان.