Uyghur←Chinese主要词典
ئانگولا مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى
领域: دۇنيا تارىخى安哥拉民族解放战争
ān gē lā mín zú jiě fàng zhàn zhēng
ئانگولا خەلقىنىڭ پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشى. 1953-يىلى 3-ئايدا ئانگولانىڭ شىمالىي قىسمىدا قوراللىق قوغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ھەمدە تېزلىكتە سەككىز ۋىلايەتكە كېڭەيگەن. بۇ قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن زور تۈركۈم ئىنقىلابچىلار قوشنا ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن. 1961-يىلى پورتۇگالىيىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى پارتلىغان. كېيىنرەك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى، ئانگولا مىللىي ئازادلىق سېپى ۋە ئانگولانىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش مەملىكەتلىك ئىتتىپاقىغا بۆلۈنۈپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلغان. 1975-يىلى 1-ئايدا پورتۇگالىيە بىلەن ئۈچ تەشكىلات <ئالۇۋر كېلىشىمى> ھاسىل قىلىپ، ئانگولانىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۈچ مىللەتپەرۋەر تەشكىلات بىرلىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى پورتۇگالىيە ھاكىمىيەتنى ئانگولا خەلق ئازادلىق ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى نىتۇ ئانگولانىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېلان قىلان. ئانگولا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。