Uyghur←Chinese主要词典
ئانگلو - ساكسون يىلنامىسى
دۇنيا تارىخى
盎格鲁撒克逊编年史
àng gé lǔ sǎ kè xùn biān nián shǐ
ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەنگلىيىدىكى بىر يىلنامە، ئۇ تۆت خىل يىلنامىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادى Ⅸ - Ⅷ ئەسىردىن باشلاپ، ئانگلو - ساكسون بەگلىكلىرىنىڭ ئوردا ۋە ئىبادەتخانىلىرىدا بەزىلەر يىلنامە يازغان، بىراق ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغان، خاتىرىلەردىمۇ پەرق بولغان. غەربىي ساكس پادىشاھلىقى ئەنگلىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، 892-يىللاردا تەختتە تۇرغان( بىر تۈركۈم ئالىملارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىلگىرى جايلاردا ساقلانغان يىلنامىلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە تولۇقلاپ، كىتاب قىلىپ تۈزگۈزگەن، ئۇنىڭ نامىنى <ئانگلو - ساكسون يىلنامىسى> دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭغا مىلادىدىن 55 يىل ئىلگىرى كائېسار برىتانىيىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىنكى تارىخىي ۋەقەلەر يېزىلغان. كېيىن جايلار داۋاملىق قوشۇپ بارغان. تاكى 1154-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ستېپېن ۋاپات بولغانغا قەدەر بولغان ۋەقەلەر يېزىلغان. ئۇ تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگىلا ئىگە بولۇپ قالماي، ئەدەبىيات قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، ئۇ قەدىمكى ئەنگلىيە نەسرىي ئەسىرىنىڭ نەمۇنىسى. ئۇنىڭ يەتتە خىل كۆچۈرۈلمىسى تارقىلىپ كەلمەكتە.