Uyghur←Chinese主要词典
ئانگىلىكان چېركاۋى
دۇنيا تارىخى
安立甘教会
ān lì gān jiào huì
خرىستىئان دىندىكى پروتېستانتلار مۇقەددەس چېركاۋنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى. <ئانگىلىكان> ئىنگلىزچە Ang³ican نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، <ئەنگلىيىنىڭ> دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. چۈنكى مۇقەددەس دىنىي جەمئىيەت ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. دەسلەپتە يالغۇزلا ئەنگلىيە مۇقەددەس چېركاۋىنى كۆرسەتكەن. كېيىن ئومۇمەن ئېرلاندىيە، شوتلاندىيە، ئەنگلىيە دومىنىئونلىرى ۋە مۇستەملىكىلىرى ۋە ئامېرىكا مۇقەددەس چېركاۋلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ كەلگەن. ئەنگلىيە كېنتېبېرىي ئارخېئېپىسكوپى ھەر قايسى ئەللەردىكى مۇقەددەس چېركاۋلارنىڭ پەخرىي دىنىي باشلىقى بولۇپ كەلگەن.