Uyghur←Chinese主要词典
ئاندېرسېن نېكىسې
دۇنيا تارىخى
安德生.尼克索
ān dé shēng .ní kè suǒ
(1869 - 5419) دانىيە يازغۇچىسى. كوپېنھاگېندا تۇغۇلغان. پادىچى، موزدۇز، بىناكارلىق ئىشچىسى ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1919-يىلى دانىيە كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە خەلقئارا كالونناغا قاتناشقان. گېرمانىيە ئارمىيىسى دانىيىنى بېسىۋالغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. 1944-يىلى شۋېتسىيە ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەلگەن. 1945-يىلى دانىيىگە قايتىپ كەتكەن. كېيىن گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان، درىزدېنىدا ۋاپات بولغان. ئۇ، دانىيە پرولېتارىيات ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان بولۇپ، ئەسەرلىرىدە كۆپرەك ئىشچى - دېھقانلارنىڭ جەبر - جاپالىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: <ئىستېلاچى پالې>، <فېتى>، <قىزىل ئىنقىلابچى مولتۇن>، <تەڭرىنىڭ زېمىنى>، <ئىككى دۇنيا>، <كۆزدىن يوقال> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.