Uyghur←Chinese主要词典
ئاندرېيىپ
دۇنيا تارىخى
安德烈夫
ān dé liè fū
(1871 - 1919) رۇس يازغۇچىسى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەرلىك سوت مەھكىمىسىدە ئىشلىگەن. 1895-يىلىدىن باشلاپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئەسەرلىرىدە كۆپرەك كىچىك پېرسوناژلار ئارقىلىق چارروسىيە جەمئىيىتىدىكى زۇلمەتلىكنى پاش قىلغان؛ لېكىن ھەسرەتلىك كەيپىيات بىلەن تولغان، مەسىلەن: <باركاموت ۋە كاراكاس>، <سۈكۈت> ۋە <ھاڭ> قاتارلىق ھېكايىلىرى بار. 1905-يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى بەزى ئەسەرلىرىدە، مەسىلەن: سەھنە ئەسىرى <يۇلتۇزلارغا تەلپۈنۈش>، <گوبىرناتۇر> ۋە <دارغا ئېسىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان يەتتە ئادەم> ناملىق ھېكايىلىرىدە مۇستەبىتلىك تۈزۈمگە بولغان نارازىلىقى ۋە ئىنقىلابقا ھېسداشلىقى ئىپادىلەنگەن، بەزى ئەسەرلىرىدە مەسىلەن: <زۇلمەت> ناملىق ھېكايىسى <ساشكارىگولىپ> ناملىق پوۋېستى بىلەن <ئاچارچىلىق پادىشاھى> ناملىق درامىسىدا ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتىنى بۇرمىلىغان. ئۇ روسىيە دراماتورگيىسىدىكى سىمۋولىزم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان، پارىژدا ۋاپات بولغان.