Uyghur←Chinese主要词典
ئاناستاس
دۇنيا تارىخى
阿那斯塔修二世
ā nà sī tǎ xiū èr shì
(؟ - 721) ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (713 - 716). مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋىزانتىيە پادىشاھىنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ، ھەربىيلەر باش كۆتۈرگەن، ئاناستاس Ⅱ تەختتە ئۈچ يىل ئولتۇرغان. دېڭىز ئارمىيە قوماندانى جوئان تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. كېيىن تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆزلىگەن، 721-يىلى پادىشاھ لىئو Ⅲ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
دۇنيا تارىخى
阿那斯塔修一世
ā nà sī tǎ xiū yí shì
(تەخمىنەن 430 -518) ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (491 - 518). مىلادى 491 - يىلى پەرمان ئېلان قىلىپ، كولۇنىستلار ئەگەر مەلۇم ئۈلۈشلۈك يەرنى 30 يىل ئىچىدە ئۇدا ئىجارىگە ئېلىپ تېرىسا، بۇ ئۈلۈشلۈك يەر تېرىغۇچىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەپ، كولونىيە تۈزۈمىنىڭ راۋاجلنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۆلەتنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، يەر بېجىنى يىغىشنى باجنى كۆتۈرە ئالغۇچىلارنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە تاپشۇرغان ھەمدە ماددىي نەرسە بىلەن تۆلىنىدىغان يەر ئىجارىسىنى پۇل بىلەن تكلىنىدىغان يەر ئىجارىسىگە ئۆزگەرتكەن. دىنىي سىياسەت جەھەتتە بىر خاراكتېرچىلارنى قوللىغان. 512-ۋە 515-يىللىرى كونستانتىنوپول ۋە فراكىيىدىكى خەلق قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. شىمالدىكى <ۋارۋار> لارنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، كونستانتىنوپول مۇداپىئە ئىستىھكامنى - مەرمەر دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغىچە ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتېىر كېلىدىغان ئاناستاس سېپىلىنى ياساتقان.