Uyghur←Chinese主要词典
ئامۇسۇۋارما
دۇنيا تارىخى
阿姆苏跋摩
ā mǔ sū bá mó
ئانسوفاما دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نىپال لىككاۋى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (595 - 640). ئۇ تەختتە ئولتۇرغاندا باج - سېلىقنى كېمەيتىپ ۋە كۆتۈرۈۋېتىپ، ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەدەبىيات - سەنئەتنى مۇكاپاتلاپ، كىلىسكوت دەپ ئاتىلىدىغان يەتتە قەۋەتلىك بىنا سالدۇرغان، بىر گرامماتىكا كىتابى تۈزۈپ چىققان. جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، تەخمىنەن مىلادى 639-يىلى قىزى بىرىكۇتن تىبەتلەرنىڭ پادىشاھى سۇڭزەنگەنبۇغا ياتلىق قىلغان.