Uyghur主要词典
ئامۇل
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تىنچ، جىم تۇرغان؛ يۇۋاش.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىمىرلىماي جىم تۇرغان نەرسە. شۇنىڭدىن ئېلىنىپ، يۇمشاق تەبئەتلىك يۇۋاش ئادەممۇ « ئامۇل» دېيىلىدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قانچا باردىم ئاي ئوغۇل
ئەردىڭ مۇندا ئىنچ ئەمۇل
ئاتىن ئەمدى سەن تۈڭۇل
قىلىدىن ئارسا قىماغۇ
{ئەي ئوغۇل، نەگە كەتتىڭ،
بۇ يەردە تېچ - خاتىرجەم ئىدىڭ.
ئەمدى سەن ئاتتىن ئۈمىدىڭنى ئۈز،
قىلمايدىغان (ئىش) نى قىلىپ قويدۇڭ.}
بۇرۇن ئۆزىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ يامانلاپ كېتىپ، كېيىن تاشلاپ كەتكەن ئېتىنى ئېلىشقا كەلگەن بالىغا كايىپ، ئاتنى بەرمەسلىك ئۈچۈن شۇنداق دېيىلگەن. بۇنىڭ مەنىسى: «مېنىڭ قېشىمدا تېچ - ئامان، راھەت - پاراغەتتە ئىدىڭ، ھالىڭ ياخشى ئىدى، نېمىشقا مەندىن يۈز ئۆرۈدۈڭ» دېمەكچى.
1 - 101
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەمكىن، ۋەزمىن، ئېغىر - بېسىق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تەمكىن، ئېغىر- بېسىق