Uyghur←Chinese主要词典
ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
美英战争
měi yīng zhàn zhēng
ئامېرىكا مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيە ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن داۋاملىق مۇداخىلە قىلغان، ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقىدىكى مەزگىلىدە ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە بىر - بىرىگە قارىتا قامال قىلىش ھالەتتە تۇرغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ دېڭىز سودىسىغا تەسىر يېتىپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ زىدىديىتى كەسكىنلەشكەن. ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ زىددىيىتى كەسكىنلەشكەن. ئامېرىكا جېففېرىسون ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭ سودا پاراخوتلىرىغا بۇزغۇنچىلىق سالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 1807-يىلى 12-ئايدا ترانسپورتنى مەنئى قىلىش قانۇنىنى جاكارلىغان. 1809-يىلى 3-ئايدا مېدىسون ھۆكۈمىتى يەنە ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن بولغان سدا ئالاقىسىنى ئۈزۈش نىزامىنى ماقۇللىغان. 1811-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېىركا - ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئەنگلىيە مەغلۇپ بولان. 1812-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا ئەنگلىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىنغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئامېرىكا يېڭىلگەن. 1813-يىلى ئامېرىكا تەرتىپكە سېلىش، تەشكىللەش ۋە ئاممىنى قوزغاش قاتارلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئوڭشىغان. 1814-يىلى ناپولېئون مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە چوڭ قوشۇنلىرىنى يۆتكەپ ئۇرۇشقا سېلىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، نيۇيورك قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، بىر مەھەل ۋاشىنگىتونغىمۇ ھۇجۇم قىلپ كىرگەن. 1814-يىلى 3-ۋە 8-ئايلاردا، ئامېرىا قوشۇنلىرى غەربىي جەنۇبتا ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. 12-ئايدا ئىككى تەرەپ <گېنت سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالىغان. ئەنگلىيە 1783-يىلى ئىمزالانغان <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> دىكى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىك ھوقۇقى ۋە ئورنىنى قايتا ئېتىراپ قىلىپ ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ چېگرىسىنى ئايرىغان. بۇ ئۇرۇش ئامېرىكا بىلەن كانادانىڭ چېگرىسىنى ئايرىغان. بۇ ئۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتكەن. تارىختا <ئامېرىكىنىڭ 2-قېتىملىق مۇستەقىللىك ئۇرۇشى> دەپ ئاتالغان.