Uyghur←Chinese主要词典
ئامېرىكا - مېكسكا چېگرا جېڭى
دۇنيا تارىخى
美墨战争
měi mò zhàn zhēng
ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنىڭ مېكسىكىغا قىلغان قوراللىق تاجاۋۇزى. 1914-يىلىدىن كېيىن، مېكسىكىدىكى دېھقان پارتىزانلار ئەترىتى ۋە باشقا قوراللىق تەشكىلاتلار ئەنگلىيە ئامېرىكا قورچاق ھاكىمىيىتىنىڭ مېكسىكىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، <يەر ۋە ئەركىنلىك> شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شىمالىي چېگرىدىكى دېھقانلار يولباشچىسى ۋىللا قوشۇنىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىغا ۋە يېڭى مېكسىكا شتاتىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە مېكسىكىدىن ئامېرىكىغا قايتىۋاتقان 18 نەپەر ئامېرىكىلىق ئىنژېنېرنى ئۆلتۈرگەن. ۋىلسون مۇشۇنى باھانە قىلىپ، 1916-يىلى 3-ئايدا پانسىننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەسكەر چىقىرپ مېكسىكىغا تاجاۋۇز قىلغان ھەمدە 150 مىڭ خەلق ئەسكىرى چاقىرىپ، ئامېرىكا - مېكسىكا چېگرىسىدا تۇرغۇزغان. ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تاجاۋۇزى مېكىسىكا خەلقىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى كۈرىشىنى ئۇلغايتقان. كېيىن ئامېرىكا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشماقچى بولۇپ، 1917-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەن.