Uyghur←Chinese主要词典
ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قوشۇنى
دۇنيا تارىخى
美国远征军
měi guó yuǎn zhēng jūn
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا ئەۋەتكەن ئۇرۇش قىسىملىرى. 1917-يىلى 4-ئايدا، ئامېرىكا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، پېرشىنگنى ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قوشۇنىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. 1918-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قوشۇنىنىڭ 43 دىۋىزىيىسىدىكى 2 مىليون ئادەم فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. پېرشىنگ ئامېرىكا قوشۇنىنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىماسلىقىدا چىڭ تۇرغان. ئەمەلىيەتتە يىراققا يۈرۈش قوشۇنى قاتناشقان 13 قېتىملىق مۇھىم جەڭدە پەقەت مۇس - ئارگۇن ۋە سان ـ مىگىلدا ئىككى قېتىملىق جەڭگە پېرشىنگ قوماندانلىق قىلغان.