Uyghur←Chinese主要词典
ئامورىم
دۇنيا تارىخى
阿莫林
ā mò lín
(1900 - 1960) ئوراگۋاي يازغۇچىسى. سالتودا تۇغۇلغان. ئۇزۇق ۋاقىت بۇئېنوس - ئايرېستا تۇرغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئارگېنتىنا ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان. ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەبىقىلەرنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ئۇسلۇب ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىگە ئىگە. يېزا ۋەقەلىك قىلىنغان رومانلىرىدىن <ئات ھارۋىسى>، <دېھقان ئاگىليار>، <ئات ۋە ئۇنىڭ سايىسى> قاتارلىقلار؛ سىياسىي رومانىدىن <غەلىبە يالغۇز كەلمەيدۇ> قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ يەنە ئىجتىمائىيەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىپ يازغان ئەسەرلىرىدىن <ئوچۇق ھويلا>، <ئورمان باققۇچى>، <دەريا ئېغىزى> قاتارلىقلار بار.