Uyghur主要词典
ئامنىئونلۇق ھايۋانلار
بىئولوگىيە
ئىمبرىئونلۇق تەرەققىيات جەريانىدا تۆرەلمىنىڭ سىرتىنى باش سۈيى پەردىسى (ئامنىئون) ئوراپ تۇرىدىغان بىرخىل ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئۇ بەزىدە <باش سۈيى پەردىلىك ھايۋانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەر باغىرلىغۇچىلار، قۇشلار ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامنىئون شەكىللەندۈرگەن ئامنىئون بوشلۇقىغا (باش سۈيى قېپى بوشلۇقىغا) باش سۈيى تولۇپ تۇرىدۇ، تۆرەلمە باش سۈيى ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، ئۇ تۆرەلمىنى تەۋرىنىشتىن ساقلاش ۋە قوغداش رولىغا ئىگە، بولۇپمۇ قۇرغاق مۇھىتنىڭ تۆرەلمىگە كەلتۈرىدىغان تەھدىتىدىن ساقلايدۇ. ئامنىئونلۇق تۇخۇمنىڭ تۈزۈلۈش ۋە تەرەققىي قىلىش ئالاھىدىلىكى قۇرۇقلۇقتا كۆپىيىشنىڭ مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كېپىللىك قىلىپ، ھايۋانلار ئۈچۈن قۇرۇقلۇقنى بويسۇندۇرۇپ بەردى ھەمدە ھەر خىل ئوخشىمىغان ياشاش ماكانلىرىغا ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىشنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق يېڭى سەكرەش ھېسابلىنىدۇ. ئامنىئونلۇق ھايۋانلارنىڭ يېتىلگەن تېنىدىمۇ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ، يەنى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىدا كېيىنكى بۆرەك ئوتتۇرا بۆرەكنىڭ ئورنىنى ئالغان، بويۇن سۆڭىكى كۆپ ساندىكى ئومۇرتقىلاردىن تەركىب تاپقان، كۆكرەك قەپىزى بولىدۇ، مېڭىسى تەرەققىي قىلغان ۋە باشقىلار. بۇ خىل ھايۋانلار ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك تۈركۈم ھېسابلىنىدۇ.