Uyghur←Chinese主要词典
ئاممونىتېس
بىئولوگىيە
菊石
júshí
قەدىمكى ئومۇرتقۇسىز ھايۋان بولۇپ، مولليۇسكىلار تىپىنىڭ باش پۇتلۇقلار سىنىپىغا كىرىدۇ. ئۇ ئاممونىتېس ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى، شەكلى تۇتىقۇش قۇلۇلىسىغا ئوخشاش. قاپچۇقى ھاك (كالتسىي) ماددىلىق، تەكشى يۈزىنى بويلاپ يۆگىلىپ تەخسىسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئىككى تەرىپى سىممېترىك. ئاز ساندىكىلىرى يايسىمان ياكى مۇنارسىمان؛ قاپچۇقىنىڭ يۈزى سىلىق ياكى ئۇششاق ئۆسۈش سىزىقلىرى بار، بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇن قىرى، كۆندىلەڭ قوۋۇرغىلىرى، ئۆسمىلىرى ۋە تىكەنلىرىگە ئوخشاش ئالاھىدە بولغان زىننەت سىزىقلىرى بولىدۇ. دېڭىزدا ياشايدۇ، ئۈزۈشكە تايىنىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، لېكىن بەزىدە بېغىشلىرى بىلەن ئۆمىلەيدۇ. ئاۋۋالقى دېۋون دەۋرىدە پەيدا بولۇشقا باشلاپ مېزوزوي ئېراسىدا ئەۋج ئېلىپ بور دەۋرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ئاممونىتېسلار ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ھىملىشىش سىزىقى قىرلىق تاش شەكلى (دېۋون دەۋرىدىكى ئۇچلۇق قىرلىق ئاممونىتېس) دىن قىسمەن ھەرە چىشلىق شەكىل (تىرىئاس دەۋرىدىكى ھەرە چىشلىق تاش) غا ئۆزگەرگەن. يەنە داۋاملىق ئۆزگىرىپ تولۇق ھەرە چىشلىق ھالەت (يۇرا دەۋرىدىكى ياپراقسىمان ئاممونىتېس) گە ئايلانغان. بور دەۋرىگە كەلگەندە قاپچۇقى شالاڭلىشىپ، ھىملىشىش سىزىقىمۇ ئاددىيلاشقان ھەمدە يوقىلىشقا يۈزلەنگەن. ئۇ يەر قاتلاملىرىنىڭ دەۋرىنى ئېنىقلاشتىكى بىرخىل ئۆلچەملىك قالدۇق تاش ھېسابلىنىدۇ.
گىئولوگىيە
菊石类
jú shí lèi