Uyghur←Chinese主要词典
ئاميوبا
بىئولوگىيە
变形虫
biànxíngchóng
يالغان پۇتلۇقلار سىنىپىنىڭ ئاميوبا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ھايات ئاميوبانىڭ مۇقىم شەكلى بولمايدۇ. تۈزۈلۈشى ئاددىي، بەدەن سىرتىدا بىر قەۋەت ئىنتايىن نېپىز پلازما پەردىسى بولۇپ، سىتوپلازمىسى روشەنرەك رايونى ئېندوپلازما ۋە ئېكتوپلازمىغا ئايرىلىدۇ. پروتوپلازمىنىڭ ئاقما ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن بەدەن سىرتىنىڭ ھەرقانداق جايىدىن ۋاقىتلىق خاراكتېردىكى سىتوپلازما ئۆسۈكلىرىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. بۇ يالغان پۇت دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ يالغان پۇتلىرى بارماقسىمان، يوپۇرماقسىمان ياكى يىڭنىسىمان بولۇپ ئاميوبانىڭ ۋاقىتلىق ھەرىكەتلىنىش ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ. ئاميوبانىڭ بەدىنى شۇ ئارقىلىق يالغان پۇت ئۇزارغان يۆنىلىشكە قاراپ سىلجىيدۇ. بەدىنىنىڭ ئىزناسى يالغان پۇتلارنىڭ ئۇزىراپ - قىسقىرىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا <ئاميوبا> دەپ ئاتالغان. يالغان پۇتلىرى ئۇزۇقلۇق تۇتۇش فۇنكسىيىسىگىمۇ ئىگە، يالغان پۇتلار ئۇزىراپ ئوزۇقلۇققا يولۇققاندا ئوزۇقلۇقنى قورشاپ بەدىنى ئىچىگە قاتلاپ كىرىپ ھەزىم قىلىدۇ. بەدەن ئىچىدە ھۈجەيرە يادروسى، ئۇزىراش - قىسقىراش ۋاكۇئولىسى، ئوزۇقلۇق ۋاكۇئولىسى قاتارلىق ھۈجەيرە ئاپپاراتلىرى بولىدۇ. كۆپىنچە ئىككىگە بۆلۈنۈپ كۆپىيىش ئۇسۇلى بىلەن كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دائىم ئۇچرايدىغىنى چوڭ ئاميوبا (A.proteus) دېيىلىدۇ. ئۇ سۈزۈك سۇ كۆلچەكلىرىدە ياكى يۈسۈنلەر كۆپ، ئاستا ئاقىدىغان تېيىز سۇلاردا ياشايدۇ.
ئۇنىۋېرسال
阿米巴
ā mǐ bāDئورمانچىلىق
阿米巴(变形虫)
ā mǐ bā (biàn xíng chóng )Dتېببىي
变形虫
biàn xíng chóng