Uyghur主要词典
ئالۋان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆكۈمەت پۇقراغا سالىدىغان خىراج - باج، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت.
«ھاشار» ئەمگەك كۈچى سېلىقى.
«سەيسى» خەنزۇچە: 差使
يۇرت بولسا، ئالۋان بولمىسا، تىنىج بولسا، مالىمان بولمىسا، ياتقانغا يان يوق، ئوپقانغا ئالۋان. ياساق ياندىكىلەرگە يان باسىدۇ. سەيسى سەلدەك كېلىدۇ. ھاڭرىمىغان ئېشەككە سېلىق ساپتۇ. سېلىقدىن قاچساڭ، ئېلىقى بار. ھاشارغا تۇتۇلغانلاردىن ساق كەلگەنلىرى يەنە ھاشارغا تۇتۇلۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زورلۇق بىلەن تاپشۇرۇشقا بەلگىلەنگەن، ماددىي نەرسە ياكى ھەقسىز ئىشلەپ بېرىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك.
ئۇلار ھەر كۈنى يېزىلارغا ئالۋان سالاتتى.