Uyghur←Chinese主要词典
ئالۇچا
باغۋەنچىلىك,ئۆسۈملۈك
美丽李
měi lì lǐDئۆسۈملۈك
阿尔海特
ā ěr hǎi tèDئۆسۈملۈك
黑李
hēi lǐDئۆسۈملۈك
果酱李
guǒ jiàng lǐDئۇنىۋېرسال
郁李
yù lǐDئۆسۈملۈك
红李
hóng lǐDئۆسۈملۈك
锈李
xiù lǐDدېھقانچىلىق
李
lǐDئورمانچىلىق
李
lǐDئۆسۈملۈك
李子
lǐ ziDئۆسۈملۈك
李
lǐDئۆسۈملۈك
郁李
yù lǐDئۆسۈملۈك
郁子
yù zǐDئۇنىۋېرسال
果酱李
guǒ jiàng lǐDئۆسۈملۈك
李仁肉
lǐ rén ròu
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
洋李
yáng lǐ
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، مالىناغا ئۇرۇقداش مېۋىلىك دەرەخ بولۇپ،
گۈلى قىزغۇچ، قىزىل كېلىدۇ؛ مېۋىسى يۇمىلاق بولۇپ، پىشقاندا قىزىرىدۇ. يېيىشكە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسى ۋە يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
قىزىتمىنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، قۇرۇق ھۆنى بېسىش،
قۇسۇشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئالۇچىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىستېمال قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، سىل، قۇرۇقلۇقتىن بولغان تەپ قاتارلىقلارغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالۇچىنىڭ يوپۇرمىقىدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ.
ئالۇچىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسى كەملىكىدىن
بولىدىغان تاماقتىن كېيىن قورساق كۆپۈش ۋە قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ جىگەر قېتىشىش، قورساققا سۇ يىغىلىش، سۇلۇق
ئىششىق، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، چىش مىلىكى ياللۇغى، ھۆل تەمرەتكە، دىئابېت كېسەللىكى، سۈيدۈك راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارلىق
كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.