Uyghur主要词典
ئالپاغۇت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
<ئالباغۇت> قا قاراڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقلىي - جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن، خەۋپ - خەتەر، ئۆلۈم - يېتىم، قىيىنپىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان شەخس.
خەلق باتۇرى. بارغا باتۇر. باتۇر بولسا بالىسى، يايراپ كېتەر ئانىسى. كۈرەش قەھرىمانى. ئەمگەك قەھرىمانى ئۆزبۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ئادەم ھەقىقىي قەھرىمان. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. ئازابنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور كېلىشمەسلىك دەپ قارايدىغانلار جەسۇر بولالمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. مەردنى مەيداندا كۆر. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېڭىلمەس قەھرىمان، تاغ يۈرەك باتۇر.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بۇزراچ يەمە قۇدۇردى
ئالپاغۇتىن ئۆزۈردى
سۇسىن يانا قادىردى
كەلگەلىمەت ئىركەشۈر
{بۇزراچ يەنە قۇترىدى،
باتۇرلىرىنى تاللىدى،
قوشۇنىنى يەنە قايرىدى،
كەلمەك بولۇپ توپلىنىۋاتىدۇ.}
ياباقۇ قەبىلىسىنىڭ بېگى بۇزراچ يەنە ئەسكەرلىرى بىلەن قايتتى، باتۇرلىرىنى تاللىدى، كېلىش ئۈچۈن توپلاندى.
1 - 195
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يېڭىلمەس قەھرىمان، تاغ يۈرەك باتۇر
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئېسىلزدادە، بەگ، ئوردا ئەركانلىرى.