Uyghur主要词典
ئالما
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئالما.
تۈركلەر بۇنى « ئالمىلا» دەيدۇ.
ئوغۇزچە.
1 - 176
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، نەشپۈتكە ئۇرۇقداش دەرەخ،
شۇنداقلا مەشھۇر مېۋە بولۇپ، يۇمىلاق، قىزىل، ئاق رەڭدە، كۆرۈنۈشى چىرايلىق. خۇش پۇراقلىق، تەمى تاتلىق، سۇلۇق، ئۈستىدە پوستى بار،
ئىچىدە قارا ئۇرۇقلىرى بار، چېچىكى ئاق، قىزىل، شاپتۇل چېچىكى رەڭدە بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل بولۇپ، بىرىنچىسى تاتلىق، پوستى نېپىز، چوڭ،
سۇلۇق؛ ئىككىنچىسى ئاچچىق - چۈچۈك، بىمەزە تەملىك، يوغانلىقى ئوتتۇرا ھال، ئۈچىنچىسى تەمى ئاچچىق، كىچىك بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ تاغلىق رايونلاردا
كۆپ ئۆسىدۇ.
تاتلىقىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق، بىمەززە ۋە ئاچچىقىنىڭ قۇرۇق سوغۇق.
كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، ئاشقازان، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سەۋدا خاراكتېرلىك
ۋەسۋەسىلىكنى يوقىتىش، قۇرۇق يۆتەلنى تۈگىتىش، سەپرا خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشنى ياخشىلاش، قۇسۇش ۋە ئۇسسۇزلۇقنى يوقىتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ شەربىتىدىن 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا بولغانلارغا 10 ~ 14 گرام، 5
~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 20 ~ 30 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 40 ~ 50 گرام، چوڭلارغا 60 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئالمىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ، ئىشتىھانى ئېچىپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
ئالمىنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قۇرۇق يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئالمىنىڭ سۈيىنى شورپا، مۇسەللەس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆڭۈل ئېلىشىشنى پەسەيتىدۇ.
ئالمىنىڭ سۈيىنى چايان چاققان جايغا چېپىپ بەرسە، ئاغرىق توختىتىدۇ.
ئالمىنى دائىم ئىستېمال قىلسا، ۋابا، قەۋزىيەت، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق سوزۇلما ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كىشىنى
سەمرىتىدۇ.
ئالمىنى خېمىر قىلىپ كۆزگە تېڭىپ بەرسە، كۆز ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
ئالمىنىڭ شاخ ۋە مېۋىلىرىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ.
ئالمىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان بىر لىتىر سۈيىگە 50 مىللىلىتىر ئاپېلسىن سۈيى، بىر كىلوگرام قەنت ئارىلاشتۇرۇپ قىيام تەييارلاپ
ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئاشقازان، مېڭە ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ؛ قۇسۇشنى توختىتىپ، قاننى سوۋۇتۇپ، ئىچ سۈرۈشنى
توختىتىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئالمىمۇ ئۈزۈم، سىتروس (ئاپېلسىن، ماندارىن، لىمونلار)، بانانلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ئالما ئۆستۈرۈش تارىخى3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. پۈتۈن دۇنيادا ئالمىنىڭ تەخمىنەن35 تۈرى بار بولۇپ، پەقەت ئېلىمىزدىن چىقىدىغانلىرىلا22 تۈرگە يېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار: يەنى سىچۇەننىڭ بالدۇر پىشىدىغان «خۇاڭكۈي» ئالمىسى6 - ئاينىڭ باشلىرىدىلا بازارغا سېلىنىدۇ؛ شىمالنىڭ «جىن شۇەي» ئالمىسىنىڭ مېۋىسى چوڭ، مەركىزى (ئۇرۇق ئورنى) كىچىك بولۇپ، خۇش پۇراقلىق بولىدۇ؛ جەنۇب ۋە شىمالغا داڭلىق بانان تەملىك ئالما «شياڭ جياۋپىڭگو» نىڭ مېۋىسى چوڭ، شىرنىسى كۆپ بولۇپ، پۇراقلىق ھەم تەملىك بولىدۇ؛ ئارىلىقتا پىشىدىغان «خۇڭيۇ» ئالمىسى ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، ساقلىغانسېرى پۇراقلىق بولىدۇ؛ كېچىكىپ پىشىدىغان «داگوگۇاڭ» ئالمىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالما ئۆستۈرۈش ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
ئالما تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنك كۆپرەك بولۇپ، ئۇ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يادرو كىسلاتاسى بىلەن ئاقسىللارنىڭ تۈزۈلۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنت ھېسابلىنىدۇ. بالىلاردا سىنك كەم بولسا چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىقتەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئالما يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكۈچى مېۋە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئالما تەركىبىدىكى فرۇكتوزا مىقدارى كۆپلۈك جەھەتتە مېۋىلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ھازىر دۇنيادا ئالما ئۆستۈرۈش كەسىپچىلىكى «پاكار، زىچ، بالدۇر، مول» بولۇشتەك تېخنىكىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. ياپونىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر خىل چوڭ تىپتىكى ئالما يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭلىرى پۇتبول چوڭلۇقىدا بولىدىكەن. ئۇنىڭ رەڭگى، پۇرىقى ۋە تەمى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئېللىپىس شەكلىدە، گۈلى قىزغۇچ ئاق، قىزىل كېلىدۇ؛ مېۋىسى يۇمىلاق، تەمى تاتلىق ياكى چۈچۈمەل بولىدۇ.
شۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئالمىدەك مەسۇم قىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئالمىخان، ئالمىگۈل، ئالمىقىز
مېۋە ئىسمى (بۇ يەردە قىز پەرزەنت ئالمىغا ئوخشىتىلغان.)
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابدۇرۇسۇل ئۆمەرنىڭ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996 - يىل 8 - ئايدا نەشر قىلىنغان. يازغۇچىنىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان بۇ ھېكايىلار توپلىمىغا بالىلارنىڭ تۇرمۇشى، ئىدىيۋى ھېسياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن <دادامنىڭ ۋسىيىتىنى ئۇنتۇمايمەن>، <كىچىك رازۋېدچىك> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.