Uyghur主要词典
ئالىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئۇلەما يۇقىرى ئىلمىي سەۋىيە ئىگىسى، يېتۈك، چوڭقۇر ئىلملىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلىم - پەن، ئەخلاق - پەزىلەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە كامالەتكە يەتكەن.
«ئالىم» ئىلمدا يۇقىرى بىلىم ھاسىل قىلغان، مەلۇم نەتىجە ياراتقان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«دانىش» ، «دانا» ، «ئاقىل» ، ئەقىللىق، زېرەك كىشىلەرگە قارىتىلغان.
«بىلمدان» بىلملىك، جىق بىلىم ئىگ
ئالىمنىڭ ئالدىدا ئاغزىڭنى ئاچما. ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك، ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشقىمۇ بىلىم كېرەك. دانانىڭ سۆزىگە كېپىلنىڭ كېرىكى يوق. دانالار سۆزى _ كۆڭۈلنىڭ كۆزى. ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ. ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز . بىلىمداننىڭ بىلىمى كېچىنى يۇرىتىدىغان چىراغ. ئۆز ئۆيىدە قارىغۇ چاشقانمۇ دانىشمەن. پازىل پەزىلىتى بىلەن ئەزىز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم، ئەدەب - ئەخلاق ساھەسىدە يېتىشكەن.
نادان، ئەخمەق، قاپاقباش
ئەقىل - پاراسەت، ئىلىم - بىلىم ساھەسىدە كەمتۈك، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان.
ئاقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز. ئاقىل ئەل غېمىدە، نادان گال غېمىدە. ئالىمنىڭ ئۆلۈكى تىرىك، ناداننىڭ تىرىكى ئۆلۈك. دانالار سۆزى - ئەقىلنىڭ كۆزى. دانانىڭ قەدرىنى نادان بىلمەس، ئاغرىقنىڭ دەردىنى ساق. ناداننى تادان ئوڭلايدۇ، ھارۋىنى كاتاڭ. ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭ. دانىشمەننىڭ كۈندىشى كۆپ. ئەخمەقنىڭ دوستى تولا، پىيازنىڭ پوستى. ئەخمەق دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېلىم، ئىلىنىدىغان قەرز. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئالمىچى ئارسلان بارىم ئىچ سىچغال _ ئېلىمچى ئارسلان، بېرىمچى چاشقان. ھەققىنى تەلەپ قىلىپ ئالغۇچى ھۇجۇم قىلىشتا گويا ئارسلان بولىدۇ، قەرز تۆلىگۈچى قورققانلقتىن چاشقانغا ئوخشاپ كېتىدۇ.
1 - 103
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پەننىڭ بىرەر ساھەسى بويىچە مەخسۇس يۇقىرى بىلىمگە ئىگە بولغان كىشى.
ماتېماتىكا ئالىمى. فىزىكا ئالىمى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
بىلىملىك، بىلىمدان، دانىشمەن. باشقا شەكىللىرى: ئالىمبەگ، ئالىمجان، ئالىمخان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئالىمجان
ئىلىم ئىگىسى، ئەدىب، بىلىملىك