Uyghur←Chinese主要词典
ئالېكساندرىيە
دۇنيا تارىخى
乌弋山离
wū yì shān lí
غەربىي يۇرتتىكى قەدىمىي شەھەر ياكى ئارىئانانىڭ شەرقىدىكى ئالېكساندرىيە شەھىرىنىڭ باشقىچە تەرجىمىسى. تەخمىنەن بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېراتقا توغرا كېلىدۇ. مىلادىدىن 293 يىل ئىلگىرى ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندر شەرققە قىلغان مەزگىلدە بىنا قىلغان. كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم شەھەرگە ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرق ئوتتۇرىسىدىكى سودا بېكەتلىرىدىن بىر بولۇپ قالغان. <خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى>، <ۋېي سۇلالىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى> دېگەن كىتابلاردىمۇ بۇ نام ئۇچرايدۇ.
دۇنيا تارىخى
亚历山里亚
yà lì shān lǐ yà
ھازىرقى مىسىردىكى ئىسكەندرىيە شەھىرى. قەدىمكى زاماندىكى، بولۇپمۇ يۇنانلاشتۇرۇش دەۋرى (مىلادى ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرگىچە) دىكى مەشھۇر شەھەر، مىسىر پتولولېمېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختى. مىلادىدىن 332 يىل ئىلگىرى، ماكېدونىيىنىڭ ئىمپېراتورى ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلىپ، مىسىرغا بېسىپ كىرگەندە قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئالېكساندر شەھەرنىڭ ئورنىنى تاللاپ چىققان ۋە قۇرۇلۇش چېرتيوژىنى ئىشلەپ چىققان ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى شەھەر نامى قىلغان. نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ غەربىي بۇرجىكىگە، مارېئوت كۆلى بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ ئارىلىقىدىكى ئۇزۇنچاق يەرگە جايلاشقان بولۇپ، سۈنئىي قاش (ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1295 مېتىر) ئارقىلىق ئۇدۇلىدىكى كىچىك ئارال - ياروسقا تۇتىشىشپ، ئىككى پورتنى شەكىللەندۈرگەن؛ شەرقىي شىمالدىكى پورت چوڭ پورت، غەربىي جەنۇبتىكى پورت ئېئونۇست پورتى دەپ ئاتالغان. شەھەردە ئاساسلىقى بىر - بىرى بىلەن كېسىشىدىغان ئىككى يول بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتىردىن ئارتۇق، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېتىرغا يېقىن بولغان. شەھەردە يۇنانلىقلار، مىسىرلىقلار ۋە يەھۇدىيلار ئولتۇراقلاشقان ئۈچ رايون (رىم دەۋرىدە يەنە ئىككى رايون قوشۇلغان) بولغان. مىلادىدىن 283 يىل ئىلگىرى ئارالدا پاروس ماياك مۇنارى قۇرۇلان. يۇنان دۇنياسى كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلىشىپ، رىم ئىتالىيىدە راسا راۋاج تېپىۋاتقان مەزگىلدە، ئالېكساندرىيە تېز تەرەققىي قىلىپ، سودا كېمىلىرى توپلىنىپ، ئالىملار جەم بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇزېي سېلىنىپ، بۇنىڭ ئىچىگە مەشھۇر كۇتۇپخانا تەسىس قىلىنغان، پتولېمېي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ماددىي ياردىمى ئارقسىدا 500 مىڭ تۈرۈم (پاپىرۇس قەغەز تۈرۈم، يەنە بىر ئېيتىلىشتا تەخمىنەن 700 مىڭ تۈزۈم) دىن ئارتۇق ھەرخىل ئەسەر قوليازمىلىرى يىغىلغان؛ جايلاردىكى ھەر خىل ئېقىملار بۇ يەرگە كېلىپ، ئىلىم - پەن مۇھاكىمىسى بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمەلىيەتتە، شۇ چاغدىكى خەلقئارالىق ئالىي بىلىم يۇرتى (<ئالېكساندرىيە كۇتۇپخانىسى> غا قارالسۇن) غا ئايلانغان. پتولېمېي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، نوپۇسى 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، رىم قوماندانى كائېسا بۇ جاينى بازا قىلىپ، ئوكتاۋىيان بىلەن ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئېلىپ بارغان؛ مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى ئاخىر مىسىر بىلەن بىللەرىم تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن. رىم ئىمپېرىيىسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يەنىلا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىم ۋە كونستاتنىنوپول ئىشلىتىدىغان ئاشلىق كۆپىنچە ئالېكساندرىيە پورتىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن. خرىستىئان دىنى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم دىن رايونى بولۇپ قالغان. Ⅶ ئەسىردە ئەرەبلەر ئىگىلىۋېلىپ، ئەرەبچە ئىكەسندرىيە دەپ ئاتىغان. ئىمپېراتور ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلغاندا، غەربىي ئاسىيادىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان كەڭ رايوندا <ئالېكساندرىيە( دەپ ئاتىلىدىغان ئون نەچچە شەھەرنى قۇرۇپ چىققان. لېكىن كۆمۈلۈپ كېتىپ ھېچانداق ئىزى قالمىغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
亚历山德里亚
yà lì shān dé lǐ