Chinese→Uyghur主要词典
亚历山大三世
دىن
yà lì shān dà sān shì
基
خىرىستيان دىنى
ئالېكساندېرⅢ (ئىتالىيىلىك پاپا)
دۇنيا تارىخى
Ⅲ ئالېكساندر
1845 - 1894( روسىيە چار پادىشاھى )1881 - 1894(. دادىسى ئالېكساندر Ⅱ قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن تەختكە چىققان. سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئەنسىرەپ، ئوخرانكا تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى قوغدىغان <تەخت مۇھاپىزەتچىسى> دەپ لەقەم ئالغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، دەسلىپىدە مەملىكەت ۋەزىيىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن، جان بېشى سېلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ تۆلىمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان؛ لېكىن كېيىن يەنە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇپ، ئاقسۆڭەكلەرنى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنغان. يەرلىك ئاپتونومىيە ئىدارىسى ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلارنى باشقۇرۇش چوڭ چوقۇقىنى ئۇلارغا تۇتقۇزغان. خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتى ۋە مىللىي كەمىستىشنى يولغا قويۇپ، يەھۇدىيلارنى ئاياغ ئاستى قىلغان. بالقاننى تالىشىپ، گېرمانىيە بىلەن كەسكىن زىتلىشىپ، گېرمانىيىنى چەكلەش، فرانسىيە بىلەن بىرلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويغان ھەمدە ئاخىر روسىيە - فرانسىيە ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈرگەن. )1891 - 1893(.