Uyghur←Chinese主要词典
ئالېگرىئا
دۇنيا تارىخى
阿菜格里亚
ā cài gé lǐ yà
(1909 - 1967) پېرۇ يازغۇچىسى. <مۇنبەر گېزىتى>، <سانائەت گېزىتى> ۋە <شىمال گېزىتى> لىرىگە ماقالە يازغۇچى. ئۇ <ئامېرىكا ئىنقىلابى خەلق ئىتتىپاقى> نىڭ ئەزاسى سۈپىتى بىلەن سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 1932-يىلى قامىلىپ، ئىككىنچى يىلى چىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن ئامېرىكا (1945 - 1949)، پۇئېرتورىكو (1949)، كۇبا (1953 - 1957) دا تۇرغان. 1948-يىلى ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان ۋەكىللىك خاراكتېرلىك ئەسىرى < كەڭ دۇنيا> دا ئىدىئانلارنىڭ ئېچىنشلىق تۇرمۇشنى تەسۋىرلەپ، 1914-يىلى لاتىن ئامېرىكىسى رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. <ئالتۇن يىلان> قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.