Uyghur主要词典
ئالدىنقى پلاستىد
بىئولوگىيە
ياكى <دەسلەپكى پلاستىد> دەپ ئاتىلىدۇ. تەركىبىدە پگمېنت بولمايدۇ، رەڭسىز بولىدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بۆلۈنگۈچى توقۇلمىلىرىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇ كۆپ قېتىم بۆلۈنەلىگەنلىكتىن ھەمدە دىففېرېنسىيىلىنىپ بەلگىلىك تۈزۈلۈش ۋە فۇنكىسىيىگە ئىگە پلاستىد، مەسىلەن، لېكوپلاست، خلوروپلاست قاتارلىقلارغا ئايلانغانلىقتىن، دەسلەپكى پلاستىد دەپ ئاتالغان.