Uyghur←Chinese主要词典
ئالبوچېرچې
دۇنيا تارىخى
阿布奎基
ā bù kuí jī
(1453 - 1515) پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىسى، پورتۇگالىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيىسى. 1506-يىلى پورتۇگالىيە پادىشاھى مانۇئېل ئۇنى ھىندىستانغا ئەۋەتكەن. ئۇ 1510-يىلى گوئانى ئىشغال قىلىپ، باش ۋالىي تۇرۇشلۇق جاي قىلغان. 1511-يىلى مالاككانى ئىشغال قىىپ، ھىندى ئوكيان بىلەن تېنچ ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم يول مالاككا بوغۇزىنى كونترول قىلغان. 1515-يىلى ستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئورمۇز (ئورنى پارىس قولتۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا) شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. گوئادا ئۆلۈپ كەتكەن.