Uyghur←Chinese主要词典
ئالبا - يۇلىيە مىللىي پارلامېنتى
دۇنيا تارىخى
阿尔巴一尤利亚大国民议会
ā ěr bā yī yóu lì yà dà guó mín yì huì
1918-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى رومىنىيە ئىشچى ـ دېھقان ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئالبا - يۇلىيە شەھىرىدە چاقىرغان پارلامېنت. رومىنىيە مەركىزىي مىللىي كومىتېتى چاقىرىشنى قارار قىلغان. ۋەكىلى 2281 نەپەر شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رومىنىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ جايغا كېلىپ، خەلق يىغىنىغا قاتناشقان. مىللىي پارتىيىنىڭ رەھبىرى ۋوسلې گولدىس (1862 - 1934) پارلامېنتنىڭ قارار لايىھىسى توغرىسدا دوكلات بەرگەن. پارلامېنتنىڭ قارار لايىھىسى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. پارلامېنتىنى قارارلايىھىسىدە ترانسىلۋانىيە بىلەن رومىنىيە بىرلىشىدۇ، بىرلىشىشنىڭ تۈپ دېموكراتىك پرىنسىپى: يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، سىياسىي ئەركىنلىك، دىنىي ئەركىنلىك بولۇش، بىللە ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئەمگەككە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ، دەپ جاكارلانغان. ئۇنىڭدا يەنە مىللىي پارلامېنتنى پارلامېنتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان قىلىش قارار قىلىنغان. بۇ بىرلىشىش كېيىن قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بىلەن پارىژ سۈلھ كېڭىشىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، بۇ رومىنىيە مىللىي دۆلىتىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنىڭ ئورۇندالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.