Chinese→Uyghur主要词典
亚拉图
دۇنيا تارىخى
ئارتوس
(مىلادىدىن ئىلگىرى 271 - 213). قەدىمكى يۇنان ئاكائىيە ئىتتىپاقىنىڭ قوماندانى. ئاكائىيىنىڭ شەرقىي قوشنىسى سىكيوندا تۇغۇلغان. مىلادىدىن 251 يىل ئىلگىرى يەرلىك تىران ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سىكيون بىلەن بىللە ئاكائىيە ئىتتىپاقىغا كىرگەن. مىلادىدىن 245 يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ، مۇشۇ ئىتتىاقنىڭ داھىيسى (سەردارى) بولۇپ سايلانغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى 30 نەچچە يىلدا ئىتتىپاقنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقدارى بولغان. ئىتتىپاق ئۈچۈن نىزامنامە تۇرغۇزۇپ، قوشۇننى تولۇقلىغان، ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن ماكېدونىيىنىڭ كورىنتوستا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ، كۆپلىگەن يۇنانا شەھەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىتتىپاققا كىرگەن. كونسېرۋاتىپلىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتقا قارشى تۇرۇپ، قۇلدارلار گۇرۇھى ۋە باي سودىگەرلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان. ماكېدونىيىنىڭ يۇناندىكى تەسىر كۈچىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مىسىردىكى پتولېمېي Ⅲ بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. لېكىن كېيىن ئەيتولىيە ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغاندا، ماكېدونىيە پادىشاھى ئانتېگونۇس (فىلىپنىڭ تاغىسى) قا خوشامەت قىلغان. مىلادىدىن 221 يىل ئىلگىرى، سپارتا پادىشاھى كلېئومېنېس Ⅲ ھالاك بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاكائىيە ئىتتىپاقى ماكېدونىيىگە تېخىمۇ بېقىنىپ قالغان. ئاخىر فىلىپ Ⅴ تەرىپىدىن زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن.