Uyghur←Chinese主要词典
ئاڭلاش ئورگىنى
بىئولوگىيە
听器
tīngqì
ھاشاراتلارنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئورگىنى. ئاساسلىقى تۈكسىمان سەزگۈ ئاپپاراتى بىلەن ھاۋا تىترىشىنى (تارنىڭ تىترىشىنى) سېزىش ئاپپاراتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاۋاز چىقىرالايدىغان ھاشاراتلارنىڭ كۆپچىلىكىدە ئاڭلاش ئورگىنى بولىدۇ، يۇقىرى دەرىجىدە ئالاھىدىلەشكەن ئاڭلاش ئورگانلىرى زور مىقداردىكى كونۇسسىمان سەزگۈ ئاپپاراتى ۋە قوشۇمچە تۈزۈلۈشلەردىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. مەسىلەن، ناغرا پەردە ئاپپاراتى ئادەتتە ناغرا پەردە (ئاۋاز دولقۇنى قوبۇل قىلىپ، تەۋرىنى پەيدا قىلىدۇ)، چوڭ ھاۋا خالتىسى (رولى سايراش ئاپپاراتىغا توغرا كېلىدۇ) ھەم كونۇسسىمان سەزگۈ ئاپپاراتىدىن تەركىب تاپقان. چېكەتكىنىڭ بىرىنچى قورساق بوغۇمىنىڭ ئىككى يېنىدا ناغرا پەردە ئاپپاراتى بولىدۇ؛ چىرىلداق چېكەتكە ۋە قارا چېكەتكىنىڭ ئالدىنقى پۇتىنىڭ پاقالچاق بوغۇمىنىڭ تۈۋىگە يېقىنراق جايىغا جايلاشقان؛ تۈن پەرۋانىسىنىڭ كۆكرەك قىسمى بىلەن قورساق قىسمى ئارىلىقىدىكى بوغۇم پەردىسى ھاسىل قىلغان ئويمانچاققا جايلاشقان. ناغرا پەردە ئاپپاراتىنىڭ ئەكس ئەتتۈرىدىغان چاستوتا دائىرىسى خېلى كەڭ بولۇپ 1 - 150 كىلوگېرتىسكە يېتىدۇ. ئۇ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىغا سەزگۈر بولۇپ ئادەم ئاڭلىيالمايدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ. ئاڭلاش ئورگىنىنىڭ ھاشاراتلارنىڭ جۈپتىنىڭ تۇرغان جايىنى بايقاپ جۈپتى تۇرغان تەرەپكە ئۇچقۇزۇش ھەمدە ئوزۇقلۇق ھايۋانلىرى ۋە شاراتخور كۈشەندىلىرى چىقارغان ئاۋازلارغا ئىنكاس قايتۇرغۇزۇش رولى بولىدۇ.