Uyghur←Chinese主要词典
ئاڭلاش تىلىدىن قېلىش
پسىخولوگىيە
听觉失语症
tīng jué shī yǔ zhèng
ئۆز تىلىدا سۆزلىشىۋاتقان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش. ئادەم چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ چېكە بۆلىكىدىكى چېكە ئۈستى پۈرمىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئاڭلاش تىلى مەركىزى زەخمىلەنسە، سۆز قىلالىسىمۇ، خەت يازالىسىمۇ، خەت ئوقۇيالىسىمۇ، ھەتتا باشقىلار قىلغان سۆزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىسىمۇ، ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ئاڭلىغان سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى ئاڭقىرالمايدۇ، ئەنە شۇنداق كېسەللىك پسىخولوگىيىدە ئاڭلاش تىلىدىن قېلىش دەپ ئاتىلىدۇ.