Uyghur←Chinese主要词典
ئاڭلاش سەزگۈسى
ئىستېتىكا
听党
tīng dǎng
پسىخولوگىيە
听觉
tīng jué
تاشقى جىسىملارنىڭ ئاۋازىدىكى ئالاھىدىلىكنى پەرق ئېتىش سەزگۈسىدىن ئىبارەت. بىر جىسىم تەۋرەنسە ھاۋا دولقۇنى (ئاۋاز دولقۇنى) ھاسىل بولىدۇ. بۇ دولقۇن قۇلاق پەردىسىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرا قۇلاقتىكى ئاڭلاش سۆڭەكچىلىرى تەۋرىنىدۇ. بۇ تەۋرىنىش ئىچكى قۇلاقنىڭ قۇلاق قۇلۇلىسى ئىچىدىكى ئاساسىي پەردە ئۈستىدىكى كورتىي ئاپپاراتىنىڭ سەزگۈ ھۈجەيرىلىرىگە (كىرپىكلىك ھۈجەيرىلىرىگە) تەسىر قىلىپ، ئۇلاردا قوزغىلىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە ئاڭلاش نېرۋىلىرى ئارقىلىق چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ئاڭلاش رايونىغا (چېكە بۆلىكىگە) بېرىپ، ئۇ يەردە ئاڭلاش سەزگۈسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاڭلاش سەزگۈسى پۈتۈن ئاڭلاش ئانالىزاتورى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى. ئادەمنىڭ ئاڭلاش ئانالىزاتورى سىكۇنتىغا 16 دىن 20000 قېتىمغىچە تەۋرەنگەن تاۋۇش دولقۇنىنى سېزىدۇ. ئىككى ئاۋاز ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك ئاۋازنى پەرق ئېتەلەيدۇ. يەنە تاۋۇش مەنبەسىنىڭ ئورنىنى پەرق ئېتەلەيدۇ.