Uyghur主要词典
ئالامەت
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بىرەر ھەرىكەتنى كۆرسىتىدىغان، ئۇنىڭدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە.
كېسەللىك ئالامىتى.
ئىلىم - ھېكمەت ئىزدە، لېكىن مەغرۇرلانما
مەغرۇرلۇق نادانلىقنىڭ ئالامىتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ماتېماتىكا ئاتالغۇسى.
تەڭلىك ئالامىتى (=)، قوشۇش ئالامىتى (+)، ئېلىش ئالامىتى (-)، كۆپەيتىش ئالامىتى (×)، بۆلۈش ئالامىتى (÷)، (:).
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
ناھايىتى، قەۋەت.
بۈگۈنكى ئويۇن ئالامەت قىزىق ئىكەن. * ئۇ بىر ئالامەت ئادەم ئىكەنغۇ!
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش _ ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدىغان، ئايرىمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىزنا.
« ئىز » بىرەر نەرسىدىن چۈشىدۇ.
« تامغا »، « ئەن » لەر كۆپرەك مالغا سېلىنىدۇ.
يېزىق تىلىنى خاتىرلەيدىغان بەلگىلەر سىستېمىسدۇر. سۈكۈت _ رازىلىقنىڭ ئالامىتى. ماڭغان يولدا ئىز قالىدۇ، كۆيگەن ئوتتا كۈل. ئەنگە قاراپ مېلىنى تونۇيدۇ. سىنىپىي جەمئىيەتتە ھەممىگە سىنپىي تامغا بېسىلغان بولىدۇ. مالنى تامغىسىدىن ئايرى، ئادەمنى سۆزىدىن.
بىئولوگىيە
جانلىق ئورگانىزملارنى پەرقلەندۈرىدىغان مورفولوگىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىك بولۇپ، ئىرسىيەت تىپى ۋە مۇھىت شارائىتىنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. بەلگە، نىشانە، ئىپادە، ئىشارە.
ئېلىش ئالامىتى. كۆپەيتىش ئالامىتى.
زۇنۇن قادىر ھېكايىلىرىدا پېرسوناژ خاراكتېرىنىڭ بىز ئېيتقان بۇ مۇھىم ئالامەتلىرىنىڭ ھەممىسى تېپىلىدۇ.
سۈپ. ناھايىتى ئاجايىپ.
بۈگۈن ناھايىتى ئازادە كىيىنگەن بىر شاھزادە، ئالامەت كېلىشكەن بىر زور ئارغىماق ئاتنى مېنىپ كېلىپ، چاپقانچە 20 - پەلەمپەيگىچە چىقتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئىشارەت، بەلگە