Uyghur主要词典
ئالاھىدە تۈر
بىئولوگىيە
مەلۇم بىر چەكلىك رايون ياكى مەلۇم قىسمەن ئالاھىدە مۇھىتتا ئۆسكەن، ياكى تارقالغان، باشقا رايونلاردا ئۆسمەيدىغان ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك تۈرى، مەسىلەن، يۈننەن ئارچىسى، خۇاڭشەن قارىغىيى قاتارلىقلار. ئالاھىدە تۈرنىڭ تارقىلىشى بىر رايوننىڭ گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئالاھىدە تۈرلەر چوڭ قۇرۇقلۇقتىن خېلى بۇرۇن بۆلۈنۈپ كەتكەن بەزى ئاراللار ۋە يەككە تاغ چوققىلىرىغا تارقالغان. ئالاھىدە تۈرلەرنىڭ سانى چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىپ بارغان. بەزى ئالاھىدە تۈرلەر ئالاھىدە ھاۋا كېلىمات شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.