Uyghur←Chinese主要词典
ئاكتىئۇم ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
亚克兴战役
yà kè xīng zhàn yì
قەدىمكى رىمدىكى ئوكتاۋىيان (ئاۋگۇستۇس) بىلەن ئانتونى ئوتتۇرىسىدا بولغان بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش. مىلادىدىن 31 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرا يۇناننىڭ ئاكارناتىيە دېگەن يېرىنىڭ غەربىي شىمال بۇلۇڭىدىكى ئاكتىئۇم دېڭىز تۇمشۇقىدا بولغان. ھەربىي كۈچ جەھەتتىن قارىغاندا، ئانتونى بىلەن كېلېئوپاترا Ⅶ(مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى) تەرەپ ئوكتاۋىياندىن ئۈستۈن تۇرسىمۇي، لېكىن ئوكتاۋىياننىڭ ھەربىي ئىنتىزامى چىڭ، قوماندانلىق سەنئىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىناتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككى قوشۇن ئۇرۇشنى باشلىۋەتكەن. ئوكتاۋىياننىڭ ياردەمچىسى ئاگرىپپا دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلغان. جەڭ بولۇۋاتقاندا كلېئوپاترا ئۇشتۇمتۇت ئۇرۇشتىن باش تارتىپ، فلوتنىڭ بىر قىسمىنى باشلاپ، مىسىرغا قايتىپ كەتكەن. ئانتونى خەۋەرنى ئاڭلاپلا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن. تاشلاپ كېتىلگەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كۆپى ئوكتاۋىيانغا تەسلىم بولغان. بۇ ئۇرۇش رىم <ئىچكى ئۇرۇشى> دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئوكتاۋىياننى ئومۇميۈزلۈك غەلبىگە ئېرىشتۈرۈپ، رىم دۆلىتىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى (مۇيشۇنىڭغا ئەگىشىپ پادىشاھلىق تۈزۈم ئورنىتىلغان) غا ئايلاندۇرغان.