Uyghur←Chinese主要词典
ئاكسېلرود
دۇنيا تارىخى
阿克雪里罗德
ā kè xuě lǐ luó dé
(1850 - 1928) روسىيە مېنشېۋىكلىرى باشلىقلىرىنىڭ بىرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى نارودنىكلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1883-يىلى <ئەمگەكنى ئازاد قىلىش جەمئىيىتى> نى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1900-يىلى <ئىسكىرا گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1903-يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدا مارتوۋقا ئەگىشىپ لېنىننىڭ پارتىيە قۇرۇش پرىنسىپىغا قارشى تۇرۇپ، مېنشېۋىككە ئايلىنىپ كەتكەن. 1905-يىلى <ئىشچىلار قۇرۇلتىيى> توغرىسىدىكى ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پرولېتارىيات پارتىيىسىنى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئاممىسىغا قوشۇۋېتىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئىككىنچى يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ تۆتىنچى قۇرۇلتىيىدا پرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ھەمكارلىقىنى تەرغىپ قىلغان. سىتولپىن ئەكسىيەتچىللىكى دەۋرىدە، ئەمەلدىن قالدۇرغۇچىلارنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمنى كۆككە كۆتۈرگەن. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللىغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن چەت ئەلدە تۇرۇپ سوۋېت روسىيە ھاكىمىيىتىگە قوراللىق ئارىلىشىشقا قۇتراتقان.